Uyghur←ChineseMain Dictionary
رۇەن جىن
Domain: دۇنيا تارىخى阮淦
ruǎn gàn
(؟ - 1545) ۋيېتنامنىڭ جەنۇب - شىمال سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى جەنۇبىي سۇلالىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوللىغۇچىسى. كېيىنكى لى سۇلالىسى ۋەزىرى رۇەن خۇڭيۇنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، يەنە بىر ئىسمى رۇەن خۇڭجىن، ئەسلىدە ئۇ لى سۇلالىسى ئوڭ قول ئوردا مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ سابىق سەركەردىسى، ئەنجىڭ بېگى بولۇپ، 1527-يىلى مودىڭيۇڭ لى سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ ئۆزى پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئەيلاۋغا كەتكەن. 1533-يىلى لوجۇاڭزۇڭ (لى نىڭ) نىڭ جەنۇبىي سۇلالىنى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا دۆلەتنى گۈللەندۈرگۈچى ئۇستاز بەگلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن. كېيىنچە چىڭخۇا، يىئەن ئەتراپلىرىنى تىزگىنلەپ كەلگەن. 1545-يىلى مو جەمەتىگە تەسلىم بولغان سەردار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا جياۋزو (دۆلەت پېشۋاسى دەپ نام بېرىلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.