UyghurMain Dictionary
رۇەن جەمەتى سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
قىسقىچە رۇەن سۇلالىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى فېئودال سۇلالىسى. ئۇ 1802-يىلى رۇەن فويىڭ شىشەن قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەت نامىنى ۋيېتنامغا ئۆزگەرتكەن. فۇچۈن (ھازىرقى شۇنخۇا) نى پايتەخت قىلغان. ئۇ ھۆكۈمرانىلق قىلغان مەزەگىللىرىدە دۋاملىق تۈردە جەنۇبىي پىلە قۇرتىدەك يەپ، كامبودژا زېمىنىنى يۇتۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە فرانسىيىگە دۆلەت زېمىنىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە سېتىپ، ۋيېتنامنىڭ مۇنقەرز بولۇپ 80 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ باۋدا (1913-) يەنە ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قورچىقى بولغان. 1945يىلى ۋيېتنام ئاۋغۇست ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇغان. 1948 - 1955-يىللىرى جەنۇبىي ۋيېتنامدا بىر مەھەل تىرىلگەن.