UyghurMain Dictionary
رۇدولف
دۇنيا تارىخى
(1218 - 1291)، گېرمانىيىنىڭ كورۇلى، مۇقەدەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1273 - 1291)، خابىسبۇرگ سۇلالىسىنى قۇرغۇچى ئەسلىدە خابىسبۇرگنىڭ گرافى بولۇپ، خوجىلىق يېرى شۋېتسارىيە ۋە ئېلزاسقا تارقالغان. 1273-يىلى ئىمپېراتورلۇققا سايلىنىپ، تەخت بوش تۇرۇش دەۋرى ئاياغلاشقان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە چېخىيە كورۇلى ئوتتوكار Ⅱ (پرېمىسىل Ⅱ) نى مەغلۇپ قىلىپ، ئاۋسترىيە، ستىرىيە، كارنىتىيە ۋە كارنولا قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. 1285-يىلى شىمالىي گېرمانىيىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئۇنىڭ رەھبىرى ئۆزىنى فرېدرىخ (گېرمانچە - Frieden مەنىسى <تىنچلىق> تىن كېلىپ چىققان) دەپ ئاتىغان، بۇ قوزغىلاڭ رۇدولف تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.
دۇنيا تارىخى
(1552 - 1612) گېرمانىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنى ئىمپېراتورى (1576 - 1612). ئىسپانىيە كورۇلىنىڭ ئوردىسىدا تەربىيلەنگەن. تەختكە چىققاندىن كېيىن كاتولىك دىنىنىڭ بەگلەرنى قوللاپ، پروتېستانت دىنىدىكى بەگلەرگە قارشى ۇرۇپ، گېرمانىيىدىكى كاتولىك دىنى بىلەن پروتېستانت دىنىدىكى بەگلەرنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، 1608-يىلى ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى يۇقىرى، تۆۋەن ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ۋە مولاۋىيىلەرنى ئۇكىسى ماتتاسقا ئۆتۈنۈپ بەرگەن؛ 1611-يىلى يەنە چېخىيىنىمۇ ماتتاسنىڭ خوجىلىق يېرى قىلىپ بەرگەن.