Uyghur←ChineseMain Dictionary
رۇدىنى
Domain: دۇنيا تارىخى鲁第尼
lǔ dì ní
(1839 - 1908)، ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1891 - 1892، 1896 - 1898) پالېرمودىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دىپلوماتىيە خىزمىى بىلەن شۇغۇللانغان. 1865-يىلى پالېرمو شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان ھەمدە پالېرمو ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1868-يىلى نېئاپول ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1869-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1886-يىلى مىڭخېتتى ئۆلگەندىن كېيىن ئوڭچىلارنىڭ يولباشچىسى بولۇپ قالغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، سىرتقا قارىتا فرانسىيىگە مايىل لۇشيەننى يۈرگۈزۈپ، فرانسىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بېجى كۈرىشىنى ئاخىرلاشتۇرغان؛ ئىچكى جەھەتتە يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، مىلان قاتارلىق جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.