Chinese→UyghurMain Dictionary
软脂酸
خىمىيە
ruǎn zhī suān
پالمىتات كىسلاتاسى ، گېكسادېكانات كىسلاتاسىDئورمانچىلىق
ruǎn zhī suān
پالما كىسلاتاسىDتېببىي
ruǎn zhī suān
يۇمشاق ياغ كىسلاتاسى، پالمىتىك كىسلاتا
بىئولوگىيە
يۇمشاق ياغ كىسلاتاسى
<پالمىتىن كىسلاتاسى>، <16 ئالكىل كىسلاتا> مۇ دېيىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مولېكۇلىسىدىكى قۇتۇپسىز گىدرو كاربون زەنجىرى <سۇغا مايىل ئەمەس> ھەمدە مولېكۇلىنىڭ پۈتكۈل ھەجىمىنىڭ مۇتلەق چوڭ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭلاشقا مولېكۇلىنىڭ ياغدا ئېرىشچانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان قۇتۇپلۇق گۇرۇپپىسى بولغان كاربوكسىل رادىكالى سۇغا مايىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا پەقەتلا سۇدا نەملىشىدۇ - دە، شۇ سەۋەبتىن سۇدا ئېرىمەيدۇ. ئېتىل ئسپىرت، ئېفىر قاتارلىق ئېرىتكۈچىلەردە ئېرىيدۇ. ساپ مەھسۇلاتى رەڭسىز، پۇراقسىز، مومسىمان ماددا. يۇمشاق ياغ كىسلاتاسىنىڭ ناترىيلىق تۇزى سوپۇننىڭ مۇھىم تەركىبىدۇر. سانائەتتە ھايۋانات مېيى (مەسىلەن، كالا، چوشقا مايلىرى) ۋە ئۆسۈملۈك مېيى (پالما مېيى) نى سوپۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن تەييارلىنىدۇ.