UyghurMain Dictionary
روزا تۇتۇش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچىدە <سەۋم> دېيىلىدۇ. رامزان (ھىجرىيە كالىندارى بويىچە 9 - ئاي) دا ھەركۈنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇندىن تارتىپ كۈن ياتقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەممە يېيىش - ئىچىش، جىنسىي پائالىيەت قاتارلىقلارنى توختىتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە ئېيتىلىشىچە، <رامىزان> ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى. قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن...< (2 - سۈرىنىڭ 185 - ئايىتىدىن). بەلگىلىمە بويىچە، بالىلار، ئەقلىدىن ئازغانلار، ئاغرىقلار، ھامىلدار ئاياللار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن روزا تۇتالمىغانلار كېيىن تولۇقلاپ تۇتسىمۇ ياكى سەدىقە بەرسىمۇ بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىيە 226 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئاشۇرا كۈنى (ھىجرىيە كالىندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) نى روزا تۇتىدىغان كۈن قىلىپ بەلگىلىگەن. كېيىنكى يىكى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا ئۆزگەرتكەن. روزا تۇتۇش رامىزان ئېيىدا يېڭى ئاي چىققاندا باشلىنىدۇ. نوپۇزلۇق ئىككى مۇسۇلمان ئايغا قارايدۇ. كېيىنكى ئايدا ئاي چىققاندا روزا تۇتۇش ئاخىرلىشىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بايراق چىقىرىش، زەمبىرەك ئېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن روزىنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. روزا تۇتقۇچى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى روزا تۇتۇشتىكى ئارزۇسىنى ئېنىق ئىزھار قىلىشى، سۇھۇرلۇق (زولۇق) يېيىشى كېرەك. بىر كۈن ئاخىرلاشقاندا ئىپتار قىلىشى ھەمدە دۇئا - تىلاۋەت قىلىشى ۋە قىرائەت قىلىشى كېرەك. رامىزان ئېيىدا كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇغاندىن باشقا 20 رەكەتلىك تەرەۋەھ نامىزى ئوقۇش كېرەك. ئەگەر روزىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەن بولسا، يەنە 60 كۈن روزا تۇتۇشى كېرەك؛ روزىسى بۇزۇلغان بولسا، بىر كۈن تولۇقلاپ تۇتۇش ھەمدە 60 نامراتقا بىر ۋاقلىق تاماق بېرىش كېرەك. ئەگەر روزا مەقسەتسىز ئېچىلىپ كەتكەن بولسا ھەم دەرھال تۈزىتىۋېلىنسا، روزا بۇزۇلغان بولمايدۇ. روزا بىر نەچچە خىل بولىدۇ؛ (1) پەرز روزا، رامىزان ئېيىدا (بەزىدە 29 كۈن، بەزىدە 30 كۈن) ئاللانىڭ ئەمرى بويىچە تۇتۇلىدىغان روزا. روزا ۋاقتى تولغاندا ھىجرىيە كالىندارى بويىچە 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى روزا ئېچىلىدۇ. (2) سۈننەت روزا. بۇ روزا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ياكى تەشەببۇسى بىلەن بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، ئاشۇرا كۈنى، بارات كۈنى (ئىسلام كالىندارى بويىچە 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى)، ئىسلام كالىندارى بويىچە 7 -، 8 - ئايلارنىڭ بىر نەچچە كۈنى، دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى، 10 - ئاينىڭ ئالدىنقى ئالتە كۈنى تۇتۇلىدىغان روزا قاتارلىقلار. بۇ روزىلارنى تۇتمىسا گۇناھ بولمايدۇ. (3) ئىختىيارەن روزا. ساداقەتلىك، ۋەدە قىلىش، تولۇقلاش، جازالاش سەۋەبىدىن تۇتۇلىدىغان روزا. روزا ھېيتتا، قۇربان ھېيتتا ۋە ھېيتتىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە. مىلادىيىنىڭ شەنبە (يەھۇدىي دىنىنىڭ شەببات كۈنى) دە ۋە يەكشەنبە (خرىستىئان دىنىنىڭ ئىبادەت كۈنى) دە روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ. رامىزان ئېيىدىن 1 - 2 كۈنى بۇرۇن روزا تۇتۇشقا ياكى يىلبويى، جۈمە كۈنلىرى ئۈزمەي روزا تۇتۇشقىمۇ بولمايدۇ.