Uyghur←ChineseMain Dictionary
روۋلات قانۇنى
Domain: دۇنيا تارىخى罗拉特法案
luó lā tè fǎ àn
1919-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى دائىلىرى ئېلان قىلغان ھىندىستاندىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى پەرمان. ئەنگلىيە سودىيىسى روۋلات باشچىلىقىدىكى كومىسسىيە تۈزۈپ چىققانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدىكى پەرمانى كۈچتىن قالغاندىن كېيىن ئالاھىدە باستۇرۇش ھوقۇق - كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان. قانۇن باش ۋالىيغا پەۋقۇلئاددە تولۇق ھوقۇق بېىرپ، گۇمانلىق بولغان كىشىلەرنى قولغا ئېلىشقا، ئاختۇرۇشقا، سوت قىلماي قاماشقا بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن ھىندىستان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئىش تاشلاش، بازار تاشلاش، ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشلىرى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.