Uyghur←ChineseMain Dictionary
روستوۋ شەھىرى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر罗斯托夫市
luó sī tuō fū shì
سوېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي كاۋكازدىكى مۇھىم ئىقتىساد، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر دون دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان. غەربتىكى ئازوۋ دېڭىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 46 كىلومېتىر كېلىدۇ، دون دەرياسى بويلاپ ئوكيان پاراخوتلىرى شەھەر ئىچىگە كىرەلەيدۇ. شەھەر ئاھالىسى 987 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇ شەھەر 1761 - يىلى مۇھىم بىر قەلئە بولۇپ قۇرۇلغان. 19 - ئەسىردىن باشلاپ روسىيىنىڭ جەنۇبتىكى مۇھىم چوڭ پورتىغا ئايلانغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى مۇھىم سانائەت، يېزا ئىگىلىك رايونى، بۇ شەھەردە ئىشلەپچىقىرىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بولۇپمۇ كومبايىن ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدە داڭلىق. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەت ئورۇنلىرىدىن باشقا يەنە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، خىمىيە سانائەت قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەردە نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.