UyghurMain Dictionary
روممېل
دۇنيا تارىخى
(1891-1944)،فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدەلېبتېنانت بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئەئارمىيىسىدە داۋاملىق خىزمەت ئۆتىگەن ۋە ناتسىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1938-يىلى گىتلىرنىڭ شەخسىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1940-يىلى فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغان. 7-تانكا دىۋىزىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئىككىنچى يىلى ئافرىقا جۈنتۈەنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى گېمانىيەئىتالىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان. <چۆل تۈلكىسى>دەپ نام ئالغان. ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىقتىن، 1942- يىلى مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن. 1943-يىلى شىمالىي ئافرىقىدا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ شىمالي قىسمىدىكى گېرمانىيە جىتۇەنجۈننىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1944-يىلى فرايسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گېرمانىيە جىتۇەنجۈننىڭ قوماندانى ۋە مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ گېرمانىيە ئارمىيىسى يۇقىرى قاتلىمنىڭ گىتلىرنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش سۈيىقەستىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغان.