Uyghur←ChineseMain Dictionary
روكۇخاراتەنتى
Domain: دۇنيا تارىخى六波罗探题
liù bō luó tàn tí
ياپونىيە كاماكۇرا شوگناتىنىڭ پايتەخت روكۇخارادا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنىڭ نامى. ئۇنىڭ ئورنى جىچۇەن، ليەنشۇدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1221-يىلدىكى شوخسا توپىلىڭىدىن كېيىن، شوگنات خان جەمەتىنى نازارەت قىلىش ھەمدە قوشۇمچە غەربىي قىسىمدىكى ھەر قايسى بەگلىكلەرنى باشقۇرۇش، 1185-يىلدىن بۇيان تەسىس قىلىنغان پايتەخت قوغداش مەھكىمىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. ھوجوتوكىفۇسا، ھوجوياسۇتوكىلار جەنۇب ۋە شىمالدىكى ئىككى شوگناتنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان كېيىن ھوجو قەبىلىسى تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىنغان. 1333-يىلدىن كېيىن تېننو دائىگو شوگناتىنى يوقاتماقچى بولغاندا ئاكاماتسۇنورىمۇرا قاتارلىقلار روكۇخاراغا ھۇجۇم قىلغان. ھوجوتوكىماسا ئۇرۇشتا ئۆلگەن. ھوجوتوكىناكا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇمۇ ئومىدىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەن. بۇ ئورگان ۋە ئەمەل نامى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.