UyghurMain Dictionary
رويسې
دۇنيا تارىخى
(1855 - 1916) ئامېرىكىلىق ئىدېئالىست پەيلاسوپ. نېۋادا شتاتىدا تۇغۇلغان. 1875-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى لېيپىگ ۋە گونتىنگېنگە بېرىپ ئوقۇغان. 1877 - 1878-يىللىرى يەنە خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1878 - 1882-يىللىرى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، 1882 - 1885-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلىق قىلغان. 1892-يىلدىن باشلاپ پەلسەپ تارىخى پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرى ئەنگلىيە پەيلاسوپ گرىمنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇ يېڭى كانتچىلىق ۋە يېڭى گېگېلچىلىقنىڭ ۋەكىلى. ئۇ <مۇتلەقلىق> - چەكلىكلىك بىلەن چەكسىزلىكنىڭ بىرلىكى؛ مەڭگۈلۈك بىر پۈتۈنلۈك؛ ئۇ ئەقلىيلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىرادىگىمۇ ئىگە. رېئال دۇنيا - <مۇتلەقلىق> نىڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈشى. ئادەم <مۇتلەقلىق> كە تايىنىپ ياشايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇستەقىللىكىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ھازىرقى زامان پەلسەپىسىنىڭ روھى>، <دۇناي ۋە شەخس> قاتارلىقلار بار