UyghurMain Dictionary
رېم
دۇنيا تارىخى
(1887 - 1934) گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيىسى ئېسئاچىلار (S,A) نىڭ باشلىقى. كەسپىي ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يورۇچىك بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ناتسىستلار پارتىيىسىگە كىرىپ، پىۋىخانا توپىلىڭىغا قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بولىۋىيىگە بېرىپ ھەربىي ئوقۇتقۇچى بولغان. 1930-يىلى 9-ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ئېسئاچىلارنىڭ كاتتىبېشى بولغان. ناتسىستلار ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئېستاچىلارنى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولۇپ، <ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب> نى تەرغىپ قىلغان. 1934-يىلى 6-ئايدا گىتلېرنىڭ <قانلىق تازىلىشى> دا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.