Uyghur←ChineseMain Dictionary
رېيكباۋىك
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر雷克雅克末
léi kè yǎ kè mò
ئىسلاندىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. ئىسلاندىيە يانار تاغلار، ئارشاڭلار، ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئورۇنلاردا يەر ئاستىدىن ھور چىقىپ تۇرىدۇ. رېيكياۋىك شەھىرى جايلاشقان ئورۇندىمۇ بۇنداق ئورۇنلار كۆپ، ئىسلاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ خىل يەر ئاستى ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئولتۇراق جايلارنى ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. رېيكياۋىك رايونىدا مىلادى 874 - يىللىرىدىن باشلاپ كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. 1944 - يىلى پايتەخت قىلىپ بەلگىلەنگەن. شەھەر ئاھالىسى 87 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇ پۈتۈن دۆلەت خەلقنىڭ 3/1 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. شھەردە بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاليۇمىن تاۋلاش، كېمىسازلىق، خىمىيە، سېمونت، توقۇلمىچىلىق، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە يەنە ئالىي مەكتەپلەر، كۇتۇپخانىلار، مۇزېيلار ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.