Chinese→UyghurMain Dictionary
日常概念
پسىخولوگىيە
كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇقۇم
بۇ پەن ئالدى ئۇقۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىشلەرنىڭ باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئالاقىلىرى ۋە توپلىغان تەجرىبىلىرىدە ( شەكىللەنگەن ) ئۇقۇملىرىدىن ئىبارەت. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇقۇملار تار بىلىم دائىرىسى بىلەن چەكلەنگەنلىكتىن، دائىم خاتالىق، بۇرمىلانغانلىق ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. ئۇقۇم مېغىزىدا ( خاس مەزمۇنىدا ) ماھىيەتسىز نەرسىلەر بولىدۇ. ماھىيەتلىك نەرسىلەرگە سەل قارالغان بولىدۇ. ئوقۇتۇش ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇقۇم ئىلمىي ئۇقۇم سەۋىيىسىگە كۆتىرىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇقۇم ئادەتتىكى ئۇقۇم، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇقۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.