UyghurMain Dictionary
رىياد
بىئولوگىيە
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، سودا، مائارىپ مەركىزى، سەئۇدى ئەرەبىستان بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 500 مىڭغا يېتىدۇ. (1986). رىياد شەھىرى ناجىد ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىدىكى خەنىفە ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 520 مېتىر كېلىدۇ. بۇ شەھەر ئەتراپىدىكى جايلارغا قارىغاندا ئاز دېگەندە 30 مېتىر پەس تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ جايغا ئەرەبچە <رىياد> دەپ نام بەرگەن. بۇ، كەڭ ۋادا ياكى ياخشى ئوت - چۆپلۈك جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام رىياد شەھىرى جايلاشقان ئورۇننىڭ يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قويۇلغان. رىياد شەھىرى 1818 - يىلىدىن باشلاپ سەئۇدى پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. 1832 - يىلىدىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىتتىن قىلغان كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. شەھەرنىڭ مەركىزىدە 8 كۋادرات كىلومېتىرلىق ئالاھىدە رايون بار بولۇپ، بۇ جايدا خان ۋە خان جەمەتى تۇرىدۇ. بۇ جايدا نەچچە ئونلىغان كۆپ قەۋەتلىك بىنا، نەچچە يۈزلىگەن گۈللۈكلەر بار. رىيادشەھىرىنىڭ ئەتراپىدا يەر ئۈستى ئېقىن سۈيى يوق. تېرىقچىلىق بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا لازىملىق سۇ يەر ئاستىندىن چىقىرىلىدۇ. بۇ جايدىن چىقىرىلىدىغان يەر ئاستى سۈيى رىياد رايونىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا كېرەكلىك سۇنىڭ بىر قىسمى رىياد شەھىرىدىن 32 كىلومېتىر جەنۇبقا جايلاشقان خەر رايونىنىڭ بۇلاقلىرىدىن كەلتۈرۈلىدۇ. رىياد شەھىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىردىنبىر مۇھىم تۆمۈريولى رىياد شەھىرىدىن باشلىنىپ پېرسىيە قولتۇقى بويىدىكى داممام شەھىرىگە بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا رىياد شەھىرىدىن باشلىنىپ دۆلەتنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان زامانىۋى تاشيوللار، ھاۋا قاتناش لىنىيىلىرى بار.