Uyghur←ChineseMain Dictionary
رېگۇلۇس
ئۇنىۋېرسال
天狮星导弹
tiān shī xīng dǎo dàn
دۇنيا تارىخى
勒古鲁斯
lè gǔ lǔ sī
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 249) قەدىمكى رىم ئاتامانى. مىلادىدىن 267 يىل ئىلگىرى ئارخون بولغان. بىرىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 264 - 241) يەنە بىر قېتىم ئارخون بولغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 256 يىل ئىلگىرى)، سىتسىلىيە ئەتراپىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، كارفاگېن (ھازىرقى تۇنىس) غا ھۇجۇم قىلغان. دەسلەپ غەلىبە قىلىپ، كېيىن يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 255). كارفاگېن ئەلچىلەر ئۆمىكى بىلەن رىمغا بېرىپ سۈلھ قىلىش ۋە ئسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسا كارفاگېنغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەرگەن. ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ كارفاگېنغا قايتقاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ رىم سىناتىغا كارفاگېن بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانىكەن.