UyghurMain Dictionary
رىغبەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىقىش روھىي ھالىتى، ئىجادىي قىزغىنلىق روھى.
ئىلھام ئەمگەك قىلغاندىلا قوزغىلىدىكەن. ئىلھام قەيسەرلىك بىلەن ئەمگەك قىلغاننىڭ مۇكاپاتى. ئىلھام ھورۇنلارنى يوقلاشنى خالىمايدىغان مېھمان. ياشلاردا ئۆگىنىشكە رىغبەت بولۇشى لازىم. رىغبەت بولسا، نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىشقا، مەسىلىگە بولغان خاھىش، ئىستەك، مەيل، راي.
شۇ قولۇڭنى ھازىرمۇ مېنىڭ، قولۇم بىلەن بىللە بىلىمەن. ئىلھام بەرگەچ رىغبىتىڭ سېنىڭ، يالقۇنغىمۇ دادىل كىرىمەن.
ئىلھام، مەدەت.
سېنىڭ ھەرىكىتىڭ ماڭا نىشان، ئەينەك ۋە ھەققانىي رىغبەت بولدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
<رەغبەت>