Uyghur←ChineseMain Dictionary
رىگاس
Domain: دۇنيا تارىخى里加斯
lǐ jiā sī
(1760 - 1798) گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. شائىر. شرستىنودا تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقققا قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. 1795-يىلى گرېتسىيىدىكى تۇنجى ۋەتەنپەرۋەر مەخپىي تەشكىلات <ھېترىيە> نى تەشكىللەپ، گرېتسىيىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ ئەۋىج ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پائال تىرىشقان. ۋېناغا بېرىپ، ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان گرېكلەر ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار ئىچىدە مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ۋەتەنگە قايتىپ بېرىپ ئىنقىلابقا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. كېيىن ئاۋسترىيە دائىلىرى تەرىپىدىن تۈكىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1798-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق <شەرق ۋە غەرب>، <گۈلخانغا مەدھىيە> ناملىق داستانلىرى بار. كېيىنكىسى گرېتسىيىنىڭ <مارسېل مارشى>دەپ ئاتاىلىپ كەڭ دائىرىدە تارقالغان. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مىللىي ناخشىلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.