Uyghur←ChineseMain Dictionary
رېفلېكسنىڭ ئالمىشىشى
پسىخولوگىيە
反射的转换
fǎn shè de zhuǎn huàn
بۇ ئەسلىدىكى رېفلېكس يوللىرىنى ئەھۋالغا قاراپ چوڭ مىڭە پوستىلىقىنىڭ ئانالىزسېنتىز فونكىسىيىسى ئارقىلىق ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. رېفلېكىس يايسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ھالقىسىنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق ئوچۇق قاتناش يولى بولغاندا، مەلۇم بىرئەھۋالغا ئاساسەن بىرلا يولنىڭ ئوچۇقلۇقى ساقلىنىپ، قالغان يوللارنىڭ ئېچىلىپ ئېتىلىشى يەنى تورمۇزلىنىشى، باشقا بىر ئەھۋالدا، باشقا بىر يول ئېچىلىپ ئىلگىرىكى يول ئېتىلىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ، بىر خىل غىدىقلىغۇچى ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان رېئاكسىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى ئەھۋالنىڭ ئوخىشىماسلىقى بىلەن بىر خىل تەسىرگە ئوخشاش بولمىغان جاۋاب بېرىلىدۇ. مۇنداق ھادىسە رېفلېكسنىڭ ئالمىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ. رېفلېكسنڭ ئالمىشىشىنى ئوبيېكتىپ تەسىر (غىدىقلىغۇچى) پەيدا قىلغان غىدىقلىغۇچىنىڭ ئالمىشىشى، يەنى ئالمىشىشىنى پەيدا قىلغان ئۇچۇر (ئىنفورماتسىيە) كەلتۈرۈپ چىقارغان شەرتلىك رېفلېكسنىڭ ئالمىشىشى شەرتلىك ئالمىشىش دېيىلىدۇ. شەرتلىك ئالمىشىش بىلەن رېفلېكس ئالمىشىشى ئورگانىزمنىڭ تاشقى مۇھىتقا تېخىمۇ ئوبدانراق ماسلىشىشىنىڭ ئىجابىي ئىپادىسى.