Uyghur←ChineseMain Dictionary
رىف جۇمھۇرىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى里夫共和国
lǐ fū gòng hé guó
ماراكەشنىڭ رىف رايوىدىكى قەبىلىلەرنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرەش داۋامىدا قۇرغان ئىتتىپاقى. 1912-يىلى ماراكەش مۇنقەرز بولۇپ، فrانسىيىنىڭ ھاىميلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. شىمالىي قىسمى ئىسپانىيىگە تەۋە بولۇپ، 1912-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرى رىف رايونىغا چۇجۇم قىلىپ كىرەەن. كېرىم ھەر قايسى قەبىلە خەلقىغە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيە قوشۇنلىرىغا قايتۇرما زەربە بەرگەن. 7-ئايدا ئاننۇئالدا ئىسپانىيە قوشۇنىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. 9-ئايدا 12 قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، بۇنى مىللىي پارلامېنت دەپ ئېلان قىلغان. 19-كۈنى رىف جۇمھۇىيىتىنى قۇرۇپ، كېرىمنى زۇڭتۇڭ قىلىپ سايلىغان. جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي بىرلىكى يەنىلا قەبىلىنى ئاساس قىلغان. يولباشچىلىرى يەنىلا قەبىلە باشلىقلىرى بولغان. مۇستەملىكىچىلەرنى مەغلۇپ قىىلش ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەت ئومۇميۈلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، مۇنتىزىم ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1824-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1824-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى يازدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئۇرگا دەريا جىلغىسىنى بېسىۋالغان. 1925-يىلى فرانسىيە - ئىسپانىيە بىرلىشىپ رىف جۇمھۇرىيىتىنى قامال قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان. 1926-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى كېرىم فرانسىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولغان. كېيىن رىئونىئون ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ پارتىزانلىق ئۇرۇشى بىر نەچە ئاي داۋام قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.