UyghurMain Dictionary
رەزىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پەس، تۆۋەن، قەبىھ، ناكەس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۇقىرىقىغا ئوخشاش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمگەرچىلىكتىن چىققان، ئەسكىلىك قىلىشتىن يانمايدىغان.
ئېسىل - پەسلەر قوشۇلۇپ قالسا ئەگەر، پەس تەبىئىتى غالىب كېلەر ھەر سەپەر. پەسكەش ماختانغىنى بىلەن بۈيۈك بولماس، سەركەش يۈگۈرگىنى بىلەن كېيىك بولماس. رەزىل ئادەم ئاچ بۆرىدەك ھۇۋلار، گاھى ۋاي - دادلار، گاھى ۋارقىرار. ئۇ بەدرەكتىن ۋاپا چىقمايدۇ. ئىپلاس ئىپلاسلىقنى قىلمىسا ئۇخليالمايدۇ. مەست بىلەن بىللە ماڭساڭ ماڭ، نەس بىلەن بىللە ماڭما. نائەھلىگە قەرزدار بولما، ناتونۇشقا ھەمراھ. زېرىكلەر بىلەن زىندان گۈلستان، ناكەسلەر قىلار گۈلزارنى زىندان. ئەسكى ئەسكىلىككە يارىتىلغانمىكەن؟ ئۇ لەنىتىدىن نېرى يۈرگەن ياخشى. لەنىتى ئېھتىياج ئالدىدا ۋەدە بېرىپ، قانائەت ئالدىدا يۈز ئۆرۈيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان، پەسكەش، ئىپلاس، رەسۋا.
ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە رەزىل بىر شەخسكە ئايلىنىپ قالدى.
رەھىمسىز، قەبىھ، ئەشەددىي، ۋەھشىي.
رەزىل دۈشمەن.