UyghurMain Dictionary
رەۋزەخان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارىسچە سۆزنىڭ مەنسى «مەرسىيىچى» دېگەنلىك بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي خادىملار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار ئايەملەر (مەسىلەن، ئاشۇرا كۈنى، رامىزان ئېيى، ھەزرىتى ئەلى ۋە باشقا ئىماملارنىڭ خاتىرە كۈنلىرى) دە، مەسچىت، مەيدان، بازار ۋە ئۆيلەردە ۋەزخانلىق قىلىپ، ئون ئىككى ئىمامنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى، شەخسىي پەزىلەتلىرىنى، شېھىتلىك روھىنى ۋە شېھىت بولۇش (بولۇپمۇ ئۈچىنچى ئىمام ھۈسەيننىڭ شېھىت بولۇش) جەريانىنى بايان قىلىدۇ ۋە خاتىرىلەش خاراكتېرىدىكى دىنىي مۇراسىملارنى ئادا قىلىدۇ. سەفەۋىيە سۇلالىسى (1502 - 1735) قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەرسىيە ئوقۇش پائالىيىتى تەدرىجىي ئەۋج ئالدى. مەرسىيىچىلەرمۇ كەسىپلەشتى. ئۇلار قارا تون كىيىپ، ئاق سەللە (سەئىد ياكى ھاجىلار يېشىل سەللە) يۆگىدى.