Uyghur←ChineseMain Dictionary
رەتلەش تورمۇزى
پسىخولوگىيە
调整抑制
tiáo zhěng yì zhì
بۇ مۇئەييەن مىقدارلىق شەرتسىز غىدىقلىغۇچنىڭ كۇچەيتىلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن مۇستەھكەم شەرتلىك رېفلېكستىن ئىبارەت. ئازراق شەرتسىز غىدىقلىغۇچ ئارقىلىق كۆپ قېتىم كۇچەيتىلسە، شەرتلىك رېفلېكس مىقدارى تەدرىجىي ئازىيىپ مەلۇم سەۋىيىدە مۇستەھكەملىنىدۇ. بۇ چاغدا شەرتلىك غىدىقلىغۇچ مۇسبەت (قوزغىلىشچان) رېفلېكس پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىچىكى تورمۇزلىنىش جەريانى يۈز بېرىدۇ - دە، شەرتلىك رېفلېكس كۇچى تەڭشلىپ (رەتلىنىپ) شەرتسىز غىدىقلىغۇچ مىقدارىنىڭ كۇچىگە ماسلىشىدۇ. مانا شۇنداق ئىچكى تورمۇزلىنىش ھادىسىس رەتلەش تورمۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ رولى شۇكى، ئورگانىزمنى رەتلەپ چوڭ مېڭىنىڭ قوزغىلىش سەۋىيسىگە كەلتۈرۈدۇ، شەرتلىك غىدىقلىغۇچ پەيدا قىلغان شەرتلىك رېفلېكسنىڭ كۇچى كۇچەيتكۈچ غىدىقلىغۇچنىڭ ساقلانغان. كۇچىگە ماس كېلىدۇ.