UyghurMain Dictionary
رەسۋا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
رەسۋا، شەرمەندە؛ رەسۋالىق، شەرمەندىلىك:
ھېچ كىشى مەندەك سېنى ئىشقىڭدە سەيدا بولمادى،
چىقتى مەجنۇن، لىك مەندەك ئەلگە رەسۋا بولمادى.
قەلەندەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەرم - ھايانى يوقاتقان، ھايا، نومۇسنى بىلمەيدىغان.
كىم قىبلە قىلمىسا ھەزرىتى ئىنساننى لەنەتكە ئۇچرايدۇ، بولۇپ شەرمەندە. شەھەر ئالىمەن دەپ شەرمەندە بوپتۇ. ئەگرى ئوق مەرگەننى رەسۋا قىلىدۇ. ئوسالدىن ئۈمىد كۈتمە. قارىيۈزنىڭ يۈزىگە قارىما.