UyghurMain Dictionary
رەققاس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئويۇنچى؛ ئۇسسۇلچى:
تەشۋىشكە ياكى ھاياجانغا، ئىزتىراپقا چۈشكەن؛ تىنىچسىز، تىنىمسىز؛ كۆڭلى غەش؛ بىتاقەت، بىئارام:
سەمائ ئەيلەپ ئۇچۇپ تا بولدى رەققاس،
ئىكى قولدەك پەردىن چىقتىلار قاس.
خىرقەتى.
قىلۇر ھەركىم بىلۇر ياىشى قىلىقلار،
غەزەلخانلىق بىلە ھەم رەققاسلىقلار.
خىرقەتى.
2. مېھمان بولماق ئېمىش جان ئۆيىدە،
يۆركۈم، كۆڭكۈم ئولۇپتۇر رەققاس.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇسۇلچى، چۆرگۈلىگۈچى، ئارتىس، سىلكىنىپ تۇرغۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. ئۇسسۇل ئوينىغۇچى كىشى، ئۇسسۇلچى.
ئەنە تەسۋىرىي سۈرەتتە چېلىپتۇ مۇترىبىڭ ھەر ساز، ئۇسسۇل رەققاسلىرى قىلىپتۇ پەردىدەك كۆكتە مىڭ پەرۋاز.
ئۇ رەققاس قىزلاردەك كۈلكە يېغىپ تۇرغان چىرايىنى بىر پەستىلا قەرز ئىگىسىنىڭ قاپىقى سېلىنغان، تەرى تۈرۈلگەن قىياپىتىگە ئۆزگەرتەلەيتتى.