Chinese→UyghurMain Dictionary
人民宪章
دۇنيا تارىخى
خەلق ئاساسىي نىزامى
ئەنگىلىيەئاساسىي نىزامى ھەرىكىتىدىكى پروگراممىلىقھۆججەت. 1837 - يىلى 6 - ئايدا، ياغاچچى ۋېليام لوۋېتنىڭ (1800 - 1877) رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان <لوندون ئىشچىلار جەمئىيىتى> كوللېكتىپ تۈزگەن. دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋە ئاممىۋى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سونۇشقا ئوڭايلىق بولسۇن ئۈچۈن، قانۇن لايىھىسى شەكلىدە تۈزۈلگەن. كېيىن تەپسىلىي پرىنسىپلىرى تۈزۈلۈپ، ئىككىنچى يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى <خەلق ئاساسىي نىزامى> دېگەن نامدا ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى رادىكال تەشكىلاتلارغا تارقىتىلغان ھەمدە ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىۋى يىغىنلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا سىياسىي تۈزۈمنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ھەققىدە مۇنۇ ئالتە تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلغان؛ (1) قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى؛ (2) پارلامېنتنى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ سايلاش؛ (3) پارلامېنت ئەزالىرىنى يوشۇرۇن ئاۋاز بىرىش يولى بىلەن سايلاش؛ (4) پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتنىڭ مال - مۈلۈك سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىش؛ (5) پارلامېنت ئەزالىرىغا مائاش بېرىش؛ (6) پۈتۈن مەملىكەتنى باراۋەر ئاساسىدىكى سايلام رايونلىرىغا ئايرىپ، ۋەكىللەرنى سايلىغۇچىلارنىڭ ئاز - كۆپلىكى بويىچە بارلىققا كەلتۈرۈش. ئاساسىي نىزامدا پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بىراق ئەنگىلىيەنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىدا بۇنى يولغا قويۇشقا مۇمكىن بولمىغان.