UyghurMain Dictionary
رەنج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مۇشەققەت، قىيىنچىلىق، مېھنەت:
زەخمەت؛ ئازاب، ئازار، دەرد، ئەلەم: ئاغرىق:
سودىگەرلىكى يامبۇ بولسا نەچە تۈمەن،
بىرلەھزە يەتمەسە ئاڭا ھېچ رەنج - لەھەن.
سەبۇرى.
يار ۋەسلىن ئىزدەسەڭ قويغىل بۇ ئالەم لەززەتىن،
رەنجى چەكمەي گەنج تاپماي كىم سەفا بولدى دەرىغ.
شەۋقى.
2. بۇ دەردنىڭ ھېچ دەۋاسى يوقتۇر،
بۇ رەنجىنىڭ ھىچ سىافسى يوقتۇر.
موللا سالېھ.
بەرمەىل قولدىن قەنائەت گەنجىنى،
بولغۇسى ئول گەنجى رەنجىڭگە ئىلاج.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئازار، مۇشەققەت، قىينىلىش، ئاغرىق، كېسەللىك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆڭلى بۇزۇلغان، كەيپى بۇزۇلغان، غەم - قايغۇ باسقان كەيپىيات.
خۇش، خۇشال، خۇرسەن، شاد، شادىمان، خۇشال - خورام
كۆڭلى ئېچىلغان، كەيپى جايىدا، غەم - قايغۇدىن خالى كەيپىيات.
قاغىلار <قاق> ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. خۇشال چاغدا ئازابنى ئۇنتۇمىغان كىشى - ئاقىل كىشى. خاپا قىلساڭ دوستۇڭنى، خۇش قىلارسەن دۈشمىنىڭنى. ئازغىنا ئىشىڭدىن بولسا خۇرسەن، ئۇنىڭدىن چوڭنى كۆرىسەن. ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد، ئۇنى بۆرە دېگىن، دېمىگىن ئادەمزات. شادىمان بولسا يۈرىكىمىز، تالسىمۇ مەيلى بىلىكىمىز. خۇشال - خۇرام ياشا، بەختىڭگە يارىشا. ئاقىلغا پەس ئادەم كۆرسەتسە جاپا، كۆپ ئەلەم چەكمىسۇن، بولمىسۇن خاپا. غەم تېغىنى دوست ئارتسا، ئاڭا رەنج يوق. مالال بولما، مالامەت تارتما. مەيۈس بولساڭ، بوزەك بولىسەن. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم، تولۇق ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈلسىز ھالەت.
خاپا قىلساڭ دوستۇڭنى، خوش قىلارسەن دۈشمىنىڭنى. ئاقىلغا پەس ئادەم كۆرسەتسە جاپا، كۆپ ئەلەم چەكمىسۇن، بولسىمۇ خاپا. غەم تىغىنى دوست ئاتسا، ئاڭا رەنج يوق. قىسقا سۆزلەش تارىخىي ياخشى ھالدۇر، كۆپ سۆزلەش ھەمىشە دىلغا مالالدۇر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قايغۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت كۆڭلىگە، دىلىغا يەتكەن ئازار، خاپىلىق، دەرد، ئەلەم.
رەنج تارتماق.
رەھىم قولىدىن كېلىشىچە، خەقنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولىدىغان ئادەم.
ئازاب، جاپا، مۇشەققەت.
تىكەننىڭ رەنجىدىن قورققان كىرەلمەس بۇ چىمەن ئىچرە، جاپانى جانغا راھەت بىل، ساڭا دىدار كېرەك بولسا.