UyghurMain Dictionary
رەمز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: رۇمۇر. ئىما، ئىشارەت، ئالامەت؛ ئۆز ئارا كېلىشىلگەن يوشۇرۇن بەلگە، شىفىر:
كىنايە:
مەخپىيەت، مەخپىيەتلىك:
1. خىلافى رەسم ئۈچۈن بۇ رەمزدىن بومىش كىشى ئاگەھ،
پەرىزادى پەرى ئاسىبدىن تەئۋىز تاپغاي ۋەھ.
ئەرشى.
2. شوخنىڭ تەبئىدە چۇ دىققەت ئىدى،
رەمز ئىلە نۇكتەئى دەقىق دېدى.
نەۋايى.
3. كى ئىشتەرمەن بۇ رەمزىڭ ئاشكارا،
مەنى يارىڭغە ئايغايسەن، نىگارا.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىشارە، ئىشارەت، ئىما؛ ئۆز ئارا بىلىشىدىغان يوشۇرۇن بەلگە.