UyghurMain Dictionary
رەھمەت تىلەش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچىلىق ئاتالغۇسى بولۇپ، ئاللانىڭ مۇقەددەس رەھمىتى ياكى ئىنئامى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ مالائىكە جىبرىئىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ساھابىلارغا يېتىپ كېلىپ شەكىللەنگەن سىرلىق مەنىۋى باغلىنىش (نەسەب) تىن ئىبارەت. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاللانىڭ دەسلەپكى يىللاردىكى رەھمىتىگە مۇشۇ باغلىنىش (نەسەب)تىن ئىگە بولغىلى بولىدۇ. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ سىلسىلىگە ۋە مەنىۋى ۋارىسلىق نەسەبىنىڭ نوپۇزىغا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىشىدىكى مەقسىتىمۇ مۇشۇ يەردە.