UyghurMain Dictionary
رەھبەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يول كۆرسەتكۈچى، يېتەكچى؛ ئۇستاز:
رىزا باشىنى سۇئالىڭغە ئەيلەسەڭ رەھبەر،
سۇئال ئىچىندە كۆتۈر سەرۋى قامەتىڭنى پات.
شەۋقى.
خەيرۇ شەررۇ رىزقۇ ئۇمرۇ ئىززەت جۇملەسى،
شەۋقى بىلسەڭ ھەقدىن ئۆزگە ھىچ رەھبەردىن ئەمەس.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يول كۆرسەتكۈچى، يولباشچى، يېتەكچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، رايون، ئىدارە، پارتىيە، تەشكىلات، يىغىن ۋە ئائىلىنى باشقۇرغۇچى شەخس.
«رەئىس» ۋەزىپە نامى. «رەھبەر» «باشلىق» لار مەۋھۇم.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى؛ پارتىيە رەئىسى؛ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى. ئىدارە رەھبىرى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر. ئىدارە باشلىقى؛ ئائىلە باشلىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يولباشچى، باشلىق.
ئۆيدە قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى بىلەن ھېلىقى ئىككى كىشى قالدى.
تەلىم - تەربىيە بەرگۈچى، يوليورۇق كۆرسەتكۈچى؛ ئۇستاز.
ئەخمەتجان ئەپەندىم بىزگە رەھبەر.