UyghurMain Dictionary
رەفىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەمراھ، يولداش، دوست؛ بۇرادەر؛ مەھبۇبە، سۆيگۈنى، سۆيۈملۈكى؛ ھەمدەرد، سىرداش، سۆھبەتداش:
تەقۋى ئەيلەپ دەير ئارا يول تاپمادۇق، كەل، ئەي رەفىق،
مەست ئولۇپ مەيخارەلەر يەڭلىغ بارالى ئۆزگەچە.
ئەرشى.
ئىشىڭ دوستلار، بۇ كۈن جۇدا بولدۇم نىگارىمدىن،
رەفىقىم، ھەمدەمىم، ئول مېھرىبانىم، گۈلئوزارىمدىن.
موللا سالېھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يولداش، ئارقاداش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
دوست، ھەمدەم، سېخىي ياكى ھىممەتلىك، ئوچۇققول.