UyghurMain Dictionary
رىددە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <دىندىن يېنىش> دېگەنلىك بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 632 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئۆشرە - زاكات بېرىشنى رەت قىلىپ توپىلاڭ كۆتۈردى. بۇ <رىددە> ھەرىكىتى (دىندىن يېنىش ھەرىكىتى) دېيىلدى. مۇسەيلىمە، تۇلەيھە، ئەسۋەر قاتارلىق توپىلاڭ باشچىلىرى ئۆزىنى مىللىتىنىڭ <پەيغەمبىرى> دەپ ئاتىدى. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى <ساختا پەيغەمبەر> دەپ ئاتىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرغان ئۇممەنىڭ خەلىپىسى ئەبۇ بەكرى 11 يول بىلەن قوشۇن ئەۋەتىپ توپىلاڭنى قوراللىق تىنجىتىپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇردى