Uyghur←ChineseMain Dictionary
رېد
Domain: دۇنيا تارىخى李德
lǐ dé
(1887 - 1920) ئامېرىكىلىق مۇخبىر، سوتسىيالىست. 1910-يىل خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ژۇرنىلى <ئامما> نىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشقان. 1914-يىل <ئىنقىلابىي مېكسىكا> ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مېكسىكىغا قاراتقان مۇداخىلىسىنى سۆككەن. 1914 - 1916-يىللىرى <پايتەخت ژۇرنىلى> نىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى سالاھىيىتى بىلەن ياۋروپادا زىياەتتە بولغان. 1917-يىلى ھەربىي مۇخبىر سۈپىتى بىلەن روسىيىگە كېلىپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، <دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن كېيىن ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. >نيۇ - يورك كوممۇنىستلىرى< ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى بولۇپ، پارتىيىدىكى مەشھۇر سولچىلارغا ئايلانغان. 1919-يىلى 8-ئايدا،بىر قىسىم سولچىلار بىلەن ئامېرىكا كوممۇنىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغان. پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى - >ئىشچىلار ساداسى< نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، كوممۇنىستىك ئىنتىېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىي ھەيئىتى بولۇپ سايلىنىپ، يەنە بىر نۆۋەت سوۋېت روسىيىسىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي كېسەل بولۇپ موسكۋادا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ >شەرقىي ياۋروپادىكى ئۇرۇش<، >قىزىل روسىيە< ناملىق ئەسەرلىرى بار.
Domain: دۇنيا تارىخى里德
lǐ dé
(1851 - 1902) ئامېرىكىلىق باكتېرېئولوگ. ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1869-يىلى ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1870-يىلى تىببىي دىركتورلۇق ئۇنۋانغا ئېرىكشەن. 1875-يىلى ھەربىي قىسمىدا ئىشلىگەن. كېيىن يوھان خوپكىنىس تىببىي ئىنستىتۇتىدا باكتېرېئولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1893-يىلى ۋشىنگتون ھەربىي تىببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بوغان. 1895-يىلى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، بىر يىلىن كۆپرەك ۋاقىت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چىۋىننىڭ كېزىك مكروبىنى تارقىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. 1900-يىلى كۇبادا سېرىق تەپ كېسىلى تارقالغاندا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بۇ كېسەللىكنىڭ پاشا ئارقىلىق تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، تېزلىك بىلەن ئۈنۈمۈك تەدبىر كۆرۈپ، كۇبادىكى سېرىق تەپ كېسەللىكىنى تىزگىنلىگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.