Uyghur←ChineseMain Dictionary
رازادارىتنىڭ ئىش ئىزلىرى تارىخى
دۇنيا تارىخى
罗娑陀利业迹史
luó suō tuó lì yè jì shǐ
<رازادارىت قوزغىلىڭى تارىخى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بىرمىنىڭ قەدىمكى تارىخ كىتابى. بۇ كىتابنى ⅩⅥ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىننىيادالا (تەخمىنەن 1518 - 1572) مون يېزىقىدا يېزىپ چىققان. كىتابتا ئاساسەن پېگۇ خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى رازادارىت تەختتە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋا خاندانلىقى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. بۇ كىتاب بىرمىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.