UyghurMain Dictionary
راىئو ئاكتىپلىق كاربون ئارقىلىق دەۋرنى بېكىتىش
Domain: دۇنيا تارىخىقەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەرنىڭ مۇتلەق يىلىنى ئۆلچەپ بېكىتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل. تەبىئەت دۇنياسىدىكى كاربون ئېلېمېنتىنىڭ رادىئو ئاكتىپلىق ئىزوتوپى C-14 بولۇپ، ئۇنىڭ قويۇقلۇقى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ خىل C-14، CO2 شەكلىدە ھەر خىل ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۆلۈشى ھامان كاربوننىڭ ئالمىشىشى توختايدۇ، شۇنداقلا تاشقى مۇھىتتىن C-14 تولۇقلىيالماي، ھەر 5730 يىلدا ئەسلىدىكى مىقدارىنىڭ يېرىمى تېزلىكىدە ئۈزلۈكسىز كېمىيىپ بارىدۇ. شۇڭا قەدىمدىن قېپقالغان ئورگانىك ماددىلاردىكى C-14 نىڭ رادىئو ئاكتىپلىقىنىڭ كېمىيىش دەرىجىسىگە ئاساسلىنىپ ئورگانىك ماددىنىڭ ئۆلگەن يىلىنى ئېنىقلىۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن بۇ ھېسابلاشتا بەلگخلىك پەرقنىڭ بولۇشى تەبىئىي. نۆۋەتتە، C-14 ئارقىلىق 40 - 50 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ، زەررە تېزلىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 70 - 001 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.