Uyghur←ChineseMain Dictionary
راۋېننا
دۇنيا تارىخى
腊万纳
là wàn nà
ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى شەھەر بولۇپ، قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىىدە غەربىي قىسىم ئىمپېراتورى تۇرىدىغان جاي ئىدى. ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ بويىغا جايلاشقان. يەر شارائىتى خەتەرلىك، مۇداپىئە قىىشقا ئەپلىك. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دەسلەپكى مزگىللەردىكى تېسساليانلار (شىمالىي يۇناندا) تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان، كېيىن جەنۇبتىكى قوشنىسى ئونبولىيالار ئىگىلىگەن.تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، ئۇنىڭدىن كېيىن رىم بۇ يەرگە ئاھالە كۆچۈرگەن. ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى، يەنى ئاۋگۇستۇس ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى - مىلادى 14-يىلى)، بۇ يەردە مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىسى ياساپ، ئۇنىڭ پورتىنى 200 دىن ئارتۇق كېمە سىغىدىغان قىلىپ كېڭەيتكەن؛ پورت يادۇس دەرياسى بىلەن قانال ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان، بۇ قانال پادۇسا قانىلى ياى ئاۋگۇست ئۆستىڭى دەپ ئاتالغان. راۋېننا بىلەن پورت ئارىسىدا يېڭى بىر شەھەر بىنا قىلىنىپ، كائېسارىيە دەپ ئاتالغان. ئىمپېرىيە دەۋرىەد راۋېننا تەرەققىي قىلىپ شىمالىي ئىتالىيىدىكى ئەڭ زور مۇداپىئە شەھىرىگە ئايلانغان. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى تېئودورىك بۇ شەھەرنى پايتەخت قىلغان. شەرقىي گوت ۋىزانتىيە گېنېرالى نارسېس تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەر شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىتالىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بولغان. 752 - يىلى لومباردىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.