Uyghur←ChineseMain Dictionary
راتېنائۇ
Domain: دۇنيا تارىخى拉特瑙
lā tè nǎo
(1867 - 1922) گېرمانىيىلىك سودا - سانائەتچى، گېرمانىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. گېرمانىيە ئۇنىۋېرسال باش ئېلېكتر شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋە مۇدىرى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پۇسسىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش ۋاقتى بايلىق مەنبەسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى بولغان. ۋېيار جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ گۈللەندۈرۈش مىنىستىرى (1921) ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1922) بولغان. 1922-يىلى 4-ئايدا گېنويە يىغىنىغا قاتنىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن <راپاللو شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 6-ئايدا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوڭ قانات مىللەتچى ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.