UyghurMain Dictionary
راستچىل
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
راست سۆزلەيدىغان، راست ئىش قىلىدىغان.
يالغانچى، ساختىپەز
يالغان سۆزلەيدىغان، ساختا ئىش قىلىدىغان.
تەقدىر راستچىل ئادەمنى ھاقارەتكە قويماس. يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس. يالغانچىنى سۆزىدىن بىل، بىلەلمىسەڭ كۆزىدىن بىل. ساختىپەزنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
راست سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن، راست سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدىغان؛ راستگۇي.
راستچىل ئادەم.
بۇ بالا راستچىل ۋە ئەقىل - پاراسەتلىك بالا ئىدى.