UyghurMain Dictionary
راشىت شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
روسىيە ئىران بىلەن ئىمزالىغان روسىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئېران زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى شەرتنامە. 1722-يىلى ئافغانىستان ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئىران پادىشاھى تاھماسىپ Ⅱ (؟ - 1739) مازاندىرانغا قېىچپ بېرىپ، تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. روسىيىدىكى پېتر Ⅰ ئىراندا قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەسكەر چىقىرىپ دەربەنت، راشىت ۋە باكۇنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1723-يىلى تاھماسىپ روسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان، ئىران روسىيىنىڭ ئافغانىستانغا قارشى تۇرۇشقاياردەم بېرىشىگە ئىگە بولۇش بەدىلىگە، كېلان، مازاندىران، ئاستراباتنى روسىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. لېكىن روسىيە يۇقىرىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇۋالغاندىن كېيىن شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىمىگەن. ئىران ئافغانىستانلىقلارنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، 1732 - يىلى 2 - ئايدا روسىيە ئىران بىلەن راشىتتا شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە كېلان، مازاندىران ۋە ئاسترابات قاتارلىق جايلارنى ئىرانغا قايتۇرۇپ بەرگەن.