Chinese→UyghurMain Dictionary
扰乱无线电通讯管理秩序罪
جىنايەت ۋە جازا
سىمسىز رادىئو ئالاقە باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى
بۇ - دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ رادىئو ئىستانسىسى (ئۇزىلى) نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇپ، ئىشلىتىپ ياكى چاستوتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىشنى توختاتماي نورمال رادىئو ئالاقىسىگە كاشىلا قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ سىمسىز رادىئو ئالاقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ رادىئو ئىستانسىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇپ، ئىشلىتىپ ياكى چاستوتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىشنى توختاتماي، نورمال رادىئو ئالاقىسىگە كاشىلا قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇن) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
288 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ رادىئو ئىستانسىسى (ئۇزىلى) نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان، ئىشلەتكەن ياكى چاستوتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋالغانلاردىن ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىشنى توختاتماي، نورمال رادىئو ئالاقىسىگە كاشىلا قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تېلېگراف بازىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى)
5 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، رادىئو ئىستانسىسى (ئۇزىلى) نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇپ، ئىشلىتىپ ياكى چاستوتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلەپ، خەلقئارا تېلېگراف كەسپى ياكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىشلىق تېلېگراف كەسپى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللىنىپ پايدا ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 288 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن رادىئو ئالاقىسىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.
قانۇن
rǎo luàn wú xiàn diàn tōng xùn guǎn lǐ zhì xù zuì
رادىئو ئالاقىسىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى