Chinese→UyghurMain Dictionary
扰乱法庭秩序罪
جىنايەت ۋە جازا
سوتخانا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى
بۇ - سوتخانا توپلىشىپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، سوتخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ياكى ئەدلىيە خادىملىرىنى ئۇرۇپ، سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - سوتخانىنىڭ سوت ئېچىپ دېلو تەكشۈرۈش نورمال پائالىيىتى ۋە تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە توپلىشىپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، سوتخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ياكى ئەدلىيە خادىملىرىنى ئۇرۇپ، سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ يەنى تەبىئىي ئادەم بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئورۇنلار بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالمايدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
309 - ماددا سوتخانىدا توپلىشىپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، سوتخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ياكى ئەدلىيە خادىملىرىنى ئۇرۇپ، سوتخاتا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدى تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى
161 - ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، دەۋا ئىشتىراكچىلىرى ياكى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىغۇچىلاردىن سوت تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى باش سوتچى ئاگاھلاندۇرۇپ توسۇشى كېرەك. گەپ ئاڭلىمىغانلار سوتتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 1000 يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇشنى مەھكىمە باشلىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. جازالانغۇچىلاردىن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە ئىجرا توختىتىلمايدۇ.
سوتتا توپلىشىپ جېدەل چىقارغان، سوتقا بېسىپ كىرگەن ياكى ئەدلىيە خادىملىرىغا ياكى دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا ھاقارەت قىلغان، بوھتان چاپلىغان، تەھدىت سالغان، ئۇلارنى ئۇرغانلاردىن سوت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىق جاۋابى
(1994 - يىل 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى)
س ج 1997 5 - نومۇرلۇق
جىلىن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
مەھكىمەڭلارنىڭ <سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلولىرىدا جىنايەت نامىنى بېكىتىش، قانۇن ماددىلىرىنى تەتبىقلاش ھەمدە سوت قىلىش تەرتىپى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىلتىماس> ىدىن ۋاقىپ بولدۇق. ئۇنى مۇھاكىمە قىلدۇق، تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىمىز:
سوتخانىدا چۇقان سېلىپ، ھۇجۇم قىلىپ سوت قىلغۇچى خادىملارنى ھاقارەتلەپ، قارا چاپلاپ، تەھدىت سېلىپ ۋە ئۇرۇپ، سوتخاتا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 157 - ماددىسىغا بىنائەن، ۋەزىپە ئۆتەشكە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچىشى كېرەك. بۇنداق دېلولارنى شۇ سوتتىكى كېڭەشمە سوت بىۋاستە قاراپ چىقىپ ھۆكۈم چىقارسا بولىدۇ. ئەگەر ئەسلىدىكى سوت تەشكىلاتى بىرلا سوتچىدىن تەركىب تاپقان بولسا، كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، جاۋابكارلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
سوتخانا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولغانلاردىن باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا يۆتكەپ بېرىش كېرەك.
قانۇن
rǎo luàn fǎ tíng zhì xù zuì
سوتخانا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى