Chinese→UyghurMain Dictionary
染色体
ئادەم ئاناتومىيىسى
rǎn sè tǐ
خروموسوم (بويالغۇچى تەنچە)Dئورمانچىلىق
rǎn sè tǐ
خروموسوما (رەڭ تەنچىلىرى)Dتەنتەربىيە
rǎn sè tǐ
خروموسوماDتېببىي
rǎn sè tǐ
بويالغۇچى تەنچە، خروموزوماDتېببىي
rǎn sè tǐ
خروموسوماDئۇنىۋېرسال
rǎn sè tǐ
خروموزوماDدېھقانچىلىق
rǎn sè tǐ
خىروموسوما
بىئولوگىيە
خروموسوما
ھۈجەيرە يادروسىدىكى DNA، گىستون ۋە نون گىستونلاردىن تۈزۈلگەن يىپسىمان مادددا بولۇپ، ئىشقارلىق بوياقلاردا ئاسان بويىلىدۇ، ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە بەكمۇ ئېنىق بولىدۇ. خروموسوما ئىرسىيەت خەۋىرى ياكى گېننىڭ توشۇغۇچىسى بولۇپ، تۈزۈلۈشى يىپسىمان زەنجىرلىك بولىدۇ. ھەر خىل جانلىقنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بەلگىلىك شەكلىدىكى، چوڭ - كىچىكلىكتىكى خروموسوملىرى بولىدۇ. تەن ھۈجەيرىسىدە ئادەتتە ئىككى گۇرۇپپا خروموسوما بولۇپ، ئىككى ھەسسىلىك تەنچە بولىدۇ. گامېتا (تۇخۇم ۋە سپېرما) دا پەقەت بىر گۇرۇپپا خروموسوما بولۇپ، يەككە ھەسسىلىك تەنچە بولىدۇ. يەككە جىنىسلىق جانلىقلاردا خروموسوملار ئادەتتە يەنە جىنىسنى بەلگىەشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان جىنسىي خروموسوما، قالغىنى دائىمىي خروموسوما دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مەسىلەن، ئادەمنىڭ تەن ھۈجەيرىسىدىكى ئىككى ھەسسىلىك تەنچىلىك خروموسوملار جەمئىي 46 تال (ھەر بىر گۇرۇپپىدا 23 تالدىن ئىككى گۇرۇپپا) بولىدۇ، ئۇنىڭدىن 44 تې؛ق دائىمىي خروموسوما، ئىككى تېلى جىنسىي خروموسوما بولۇپ، ئايالدا xx، ئەردە xy بولىدۇ. گامېتىدا يەككە ھەسسىلىك خروموسومىدىن جەمئىي 23 تال، دائىمىي خروموسومىدىن 22 تال، x، ياكى y دىن ئىبارەت جىنسىي خروموسومىدىن بىر تال بولىدۇ. ھەر بىر تال خروموسومىدا بىر دانە يىپلىنىش دانىچىسى بولىدۇ. بۇ خروموسومىدىن بىر تال بولىدۇ. ھەر بىر تال خروموسومىدا بىر دانە يىپلىنىش دانىچىسى بولىدۇ. بۇ خروموسومنى خروموسوما بىلىكى دەپ ئاتىلىدىغان ئۆز ئارا تەڭ ياكى ئۆز ئارا تەڭ بولمىغان ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ. بەزى خروموسوما بىلىكىنىڭ بىر ئۇچىدا يەنە ئىككىنچى بوغۇق ئىزى دەپ ئاتىلىدىغان تار قىسمى بولۇپ، ئادەتتە يادرو مېغىزى (يادروچاق) نى تەشكىل قىلغۇچى رايوندۇر. ئىككىنچى بوغۇق ئىزنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىن كەلگۈسىدە ھەمراھ تەنچە دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بىر بۆلەك ياكى كىچىك بىر دانىچە بۆلۈنۈپ چىقىدۇ. باكتېرىيە، ۋىرۇس DNA ياكى RNA لىرىمۇ بەزىدە خروموسوما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلاردىمۇ ئىرسىيەت خەۋرى ياكى گېننىڭ يىپسىمان زەنجىرلىك تۈزۈلۈشى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار كۆپىنچە ئاقسىل بىلەن بىرىكمەيدۇ. تۈزۈلۈشى ھايۋان، ئۆسۈملۈك موسومىلىرىنىڭكىدەك مۇرەككەپ بولمايدۇ.