Uyghur←ChineseMain Dictionary
رانگون
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر抑光
yì guāng
بىرمىنىڭ پايەختى، ئەڭ چوڭ پورتى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر رانگون دەريا بويىغا جايلاشقان بولۇپ، چوڭ دېڭىزدىن 35 كىلومېتر ئىچكى قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ. رانگون جەنۇبىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ پورتلارنىڭ بىرى. شەھەر ئاھالىسى 2 مىليون 450 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). رانگون 1852 - يىل تۆۋەنكى بىرمىنىڭ مەركىزى بولغان. بىرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن (1948 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى) دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان. شەھەردە توقۇمىچىلىق، خىمىيە، كېمىسازلىق، قۇرۇلۇش - بىنكارلىق، ياغاچچىلىق قاتارلىق زاۋۇت - فابرىكىلار بار. شەھەرنىڭ يېنىدىكى سىرىگەندە چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بار. بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتى پۈتۈن دۆلەت بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەپچقىرىلىدىغان نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ 4/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. رانگون بىرمىنىڭ مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى، چوڭ پورتى. پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ 98% تى رانگون پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شەھەر قاناللار ئارقىلىق ئېراۋادې، شىتاڭ دەريالىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. رانگون شەھىرىنىڭ يېنىدىكى رانگون دەرياسىنىڭ سۈيى مول، ئېقىنى كەڭ ھەم چوڭقۇر بولغانلىقتىن، ئوكيان پاراخوتلىرى دەريا بويلاپ رانگون شەھىرىگە كېلەلەيدۇ. تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق شىمالدىكى ماندالاي ۋە مىجىنا شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەردە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى بار.
تارىخ,ئۇنىۋېرسال
仰光
yǎng guāngDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
抑光
yì guāng
GetWord Corpus
9仰光
仰光【地名】
yǎng guāng9仰光
仰光【世界各国】
yǎng guāng
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.