UyghurMain Dictionary
رانادې
دۇنيا تارىخى
(1842 - 1901) تولۇق ئىسمى ماخاۋېد گوۋىند رانادې. ھىندىستانلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى، ئالىم. 1862-يىلى بومباي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. كۆپ يىل بومباي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىسى بولغان. ماخفراشترا رايونىدىكى مىللىي ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، دېكان جەمئىيىىنى قۇرغان ھەمدە خەلق كونگېرىسى پارتىيىسىنى قۇرۇشقا پائال قاتناشقان. ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قوللاپ، بالىلىق چېغىدا نىكاھلىنىشتىن ئىبارەت قالاق ئادەتكە قارشى تۇرغان، تۇل قالغان ئاياللارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشىنى ياقلىغان. <خەلق ئىگىلىكى ئېقىمى> نىڭ ئاساس سالغۇچىسى بولۇپ، ئەنگلىيىدىن مىللىي ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىنى قوغداش، چېگرا بېجىنى قوغداش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە، ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى دىن تەلىماتىنى <پاك ئىلاھكۇيلۇق> دەپ ئاتاپ، پەلسەپە بىلەن دىنىنىڭ ئالىي ئېتىقاد مەركىزىي - ئادەم، دەپ ھېسابلىغان. سىياسىي، ئىقتىساد ۋە تارىخقا ئائىت كۆپ خىل ئەسەرلىرى بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن <ھىندىستان ئىقتىسادشۇناسلىق ماقالىلەر توپلىمى>، <مارات دۆلىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى> قاتارلىقلار بار.