Uyghur←ChineseMain Dictionary
راماتىبودى
Domain: دۇنيا تارىخى拉玛铁菩提
lā mǎ tiě pú tí
(1312 - 1369) تايلاند ئايۇتىيا سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەخمىنەن 1347-يىلى قېيىن ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇتوڭ (ئالتۇن چىقىدىغان جاي دېگەن مەنىدە، ھازىرقى سۇپانبۇرى ئەتراپى) پادىشاھى بولغان. 1350-يىلى يېڭى پايتەخت ئايۇتىيا (بۈيۈك شەھەر) نى قۇرۇپ، ئۆزىنى راماتىبودى دەپ ئاتاپ، ئايۇتىيا سۇلالىسى (1350 - 1767) نى قۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە سۇكۇتئاي سۇلالىسىنى بويسۇندۇرۇپ، مېنام دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى رايونلار ھەمدە مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 1353-يىلى قوشۇنىنى باشلاپ كامبودژانىڭ ئاڭكور شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئوغلىنى ئاڭكور پادىشاھى قىلىپ تىكىلگەن. ئىچكى جەھەتتە ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تايلاندىكى ئەڭ دەسلەپكى سەككىز قىسىملىق بىر يۈرۈش قانۇن ئېلان قىلغان
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.