Uyghur←ChineseMain Dictionary
راماكرىشنا
Domain: دۇنيا تارىخى罗摩克里希纳
luó mó kè lǐ xī nà
(1836 - 1886) ئەسلى ئىسمى گادادخار چاتتېرجى ھىندىستانلىق ھىندى دىنى ئىسلاھاتچىسى، پەيلاسوپ ۋە دىنىي نەزەرىيىچى. بېنگال يېزىسىدىكى براخمان ئائىلىسدىن كېلىپ چىققان. 17 يېشىدا ئاكىسىدىن كېيىن كاھىنلىقنى ئۈستىگە ئالغان. ھىندى دىنى، ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى پېىششىق ئىگىلىگەن، خەلق مەسەللىرى ۋە تەمسىلىرىدىن پايدىلىنىپ دىنىي پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى شەرھلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۆمۈر بويى ھىندى دىنى تەشۋىقات ۋە ئىسلاھاتى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ھىندى دىنى ئاساسىدا <ئىنسانىيەت دىنى> دىن ئىبارەت بىر يېڭى دىنىي تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئومۇميۈزلۈك مېھرىبانلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەردىن رېئاللىقتىن چەتنەشنى، ئىجتىمائىي كۈرەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ھىندىستان بۇرژئازىيىسىنىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتى ماخازا ئۇستازىنىڭ ھاياتىدىكى سۆز -ئ ىبارىلىرىنى <راماكرىشنا ئىنجىلى> دېگەن بىر كىتاب قىلىپ توپلاپ چىققان. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ھىندىستاندا <ھەرىكەتتىكى ۋېدانتا> دەپ ئاتالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.