Uyghur←ChineseMain Dictionary
راما
Domain: دۇنيا تارىخى拉玛八世
lā mǎ bā shì
(1925 - 1946) ئانانداماخىدول دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى. رام ⅤⅡ نىڭ جىيەنى. كىچىك ۋاقتىدا چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان، 1935-يىلى پارلامېنتنىڭ قارارى بىلەن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان چاغدا توققۇز ياشقا كىرگەن. شۇڭا، ئادىي دىباپا شاھزادە باشچىلىقىدىكى نائىب ھەيئەت تەسىس قىلىنغان، ئەمەلىيەتتە زۇڭلى پىيافاخون پونپخايا خاسېنا (1900 - 1983) دىن ئىبارەت ئۈچ كاتتىباش ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1939-يىلى دۆلەت نامىنى تايلاندقا ئۆزگەرتكەن. 1941-يىلى راما ⅤⅢ شۋىتسارىيىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ تاج كىيگەن. كېيىن يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى拉马〈美〉
lā mǎ 〈měi 〉Dيېزا ئىگىلىك
苎麻
zhù máDئۇنىۋېرسال
苎麻
zhù má
Domain: دۇنيا تارىخى拉玛一世
lā mǎ yí shì
(1737 - 1809) ئەسلى ئىسمى چاۋپراياچاكرى. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانىقىنىڭ ئاساسچىسى. ئەسلىدە سىيام تونبۇرى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى فراساۋنىڭ قول ئاستىدا ئوفىتسېر بولغان. 1782-يىلى فراساۋنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ (1782 - 1809) بولغان. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن پايتەختنى باڭكوكقا كۆچۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كېڭەيتكەن. 1805-يىلى ئىككى قانۇن تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى دۆلەت قانۇنى قىلغان. 1785-يىلىدىن كېيىن بىرمىنىڭ ھۇجۇمىنى بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە غەلبىدىن پايدىلىنىپ مالاي يېرىم ئارىلىدىكى كېدا، پاتتانى، تېرېڭگانۇ ۋە كېلانتان قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. جۇڭگو (چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ بىلەن جياچىڭ مەزگىللىرى) بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. مەشھۇر قاشتېشى بۇتخانىسى (باڭكوك ئوردا ئىبادەتخانىسى) مۇ ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1784) ياسالغان.
Domain: دۇنيا تارىخى拉玛四世
lā mǎ sì shì
(1804 - 1868) ئىمپېراتور موككۇت ياكى كىڭ ماخا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى (1851 - 1868). راما Ⅰ نىڭ نەۋرىسى. 27 يىل راھىب بولۇپ بۇددا تەتقىقاتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، دارمايۇ مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى بولغان. 1851-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ياۋروپاغا تەقلىد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، غەربكە ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، سىياسىي، ئىقىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەرە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارنى ياللاپ ئىشلىتىش؛ سودا جەھەتتە فېئودال مونوپوللۇق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، گۈرۈچ ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى ۋە شېكەر سېتىۋېلىشنى مونوپول قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ يېڭى تىپتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قۇرۇش قاتارلىقلار. 1855-يىلى ئەنگلاىيە بىلەن تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان، 1856-يىلىدىن كېيىن يەنە ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىلەن ئارقا - ئارقىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش شەرتنامە تۈزۈپ، سىيامنى يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.