Uyghur←ChineseMain Dictionary
رايياما
Domain: دۇنيا تارىخى赖山阳
lài shān yáng
(1870 - 1830)، ياپونىيە ئىدونىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تارىخشۇناس، شائىر. بالىلىق ۋاقتىدىكى ئىسمى توسۇنبۇتارو، كېيىنكى ئىسمى نوپورۇ. ئىدوغا كېلىپ، شىبانو (1736 - 1807) دىن <ئومۇمىي ئۆرنەكلەردىن مۇھىم بايانلار> نى ئۆگەنگەن ھەمدە ئوتو (1745 - 1813) نىڭ جۇزى تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئوساكادا كۇڭزىچى ساسازاكى (1781 - 1851) نىڭ يېنىدا تۇرغان. كېيىن پايتەختكە كۆچۈپ كېلىپ، تەرەپ تەرەپتىن ساياھەتكە كەلگەن ئەدىپلەر ۋە ئالىملار بىلەن ئالاقە قىلغان. شېئىرىي ماقالە يېزىشقا ۋە ھۆسىن خەتكە ئۇستا بولۇپ، 17 يېشىدىلا <ياپونىيىنىڭ سىرتقى تارىخى> دېگەن ئەسىرىنى يېزىش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلاپ، ئاخىرى 22 توملۇق قىلىپ يېزىپ چىققان. يەنە <ياپونىيىدىكى سىياسىي ۋەقەلەر خاتىرىسى>، <ياما شېئىرلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.