UyghurMain Dictionary
راھەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىنچلىق، ھۇزۇر، لەززەت، دەم ئېلىش:
يا كۆڭۈلنىڭ راھەتى يوق يا بەدەننىڭ قۇۋۋەتى،
ئول گۇلى ئەسفەر كەبى چېھرەم قالىپدۇر سارغەرىپ.
موللا سالېھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
راھەت، خۇشاللىق، كۆڭۈللۈك، تىنچ، ئاراملىق، قولايلىق، ئوڭاي، ئاسان؛ ھاردۇق، ئارام.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىنچ ۋە پاراۋان تۇرمۇش ھالىتى.
سالقىندا يالقۇن راھەت، ئىسسىقتا سالقىن راھەت. ئىنىكى بارنىڭ راھىتى بار. ئادالەت زالىملارغا بولسا ئاپەت، جاپا چەككەنلەرگە بەرگەي پاراغەت. راھەت - پاراغەت ئىرادىنى يوق قىلار، تىرىشچانلىق ئىرادىنى چىڭىتار. ھالاۋەت بىلەن مۇشەققەت دائىم بىللە. جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق. كىشىلىك ھايات ھۇزۇر - ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن مۇشەققەتلىك خىزمەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېچىلىش - يايراش، كۆڭۈللۈك مۇھىتتا ياشاش.
جاپا، جەبرى، جەبرى - جاپا، مۇشەققەت، جاپا - مۇشەققەت، ئازاب، ئوقۇبەت، ئازاب - ئوقۇبەت، رىيازەت
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىينىلىش - قىسىلىش، كۆڭۈلسىز مۇھىتتا ياشاش.
مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. سالقىندا يالقۇن راھەت، ئىسسىقتا سالقىن راھەت. جاپا چەكمىگۈچە پاراغەت يوق. راھەت - پاراغەت ئىرادىنى بوشاشتۇرىدۇ. زالىم زالىمغا جەبرى سالار. ھالاۋەت بىلەن مۇشەققەت دائىم بىللە. كىشىلىك تۇرمۇش ھۇزۇر - ھالاۋەت ئەمەس، جاپا - مۇشەققەت چېكىدىغان خىزمەت. سۆز ئازابىدىن ئېغىر ئازاب يوق. ئادالەت زالىملارغا ئوقۇبەت، جاپاكەشلەرگە بەرگەي پاراغەت. رىيازەت چەكمىگەن ئالىم بولالماس. جاپا - مۇشەققەت - غەلىبىنىڭ باشلامچىسى. رىيازىتى كۆپ، ھۇزۇرى ئاز. كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ساغلام بولغىنى ئۈچۈن پۇل تاپىدۇ، تېرىغاندا سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەمىسە، ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى قاچان كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئېستېتىكىلىق زوق ياكى ئارام بېرىدىغان نەرسىلەردىن ئېلىنىدىغان لەززەت، ھۇزۇر.
ھەرھالدا ئۆزۈڭنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن نەرسىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ باقساڭ قانداق راھەت - ھە؟
ھۇزۇر - ھالاۋەت، پاراغەت، تىنچ ۋە پاراۋان ھايات، پاراۋان تۇرمۇش.
راھەت كۆرمەك. راھەتتە ياشىماق.
مېھنەتنىڭ تېگى راھەت (ماقال).
<ئارام ئال!> دېگەن مەنىدىكى كوماندا بۇيرۇقى.
بۇ چاغدا يېقىملىق كۈلۈمسىرىگەن ئەخمەتجان قاسىمى <راھەت> دەپ كوماندا بېرىپ قويۇۋىدى، ئەتراپتا كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
راھەتخان، راھەتگۈل
دەم ئالماق، راھەتلەنمەك