Uyghur←ChineseMain Dictionary
راففېللو
Domain: دۇنيا تارىخى拉斐尔
lā fěi ěr
(1483 - 1520) ئىتالىيە ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىدىكى رەسسام، ئارخېتېكتور. ئوربىنو (فلورېنسىيىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان) شەھىرىدىكى رەسسام ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدا ئاتا كەسپىنى ئۆگەنگەن. تەخمىنەن 1500-يىلى پېرۇگىيە شەھىرىگە بېرىپ رەسسام پېرۇگىنو (1446 - 1524) نى ئۇستاز تۇتقان. 1504-يىلى فلورېنسىيىگە بېرىپ، داۋىنكى قاتارلى كاتتا ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ئۆگەنگەن. 1508-يىلى پاپانىڭ تەكلىپى بويىچە رىمغا بېرىپ، ۋاتىكان سارىيىغا تام رەسمى سىزىپ بەرگەن ھەمدە سان پېتىر چېركاۋىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. رىمدا ۋاپات بولغان. ئۇ سىزغان مۇقەددەس مەريەم ئانىنىڭ رەسىملىرى كىشىلىك دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە ئانىلارنىڭ مېھرىبانلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى <سىستىن ئىبادەتىخانىسىدىكى مۇقەددەس مەريەم ئانا رەسىمى> بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ داڭلىق رەسىملىرىدىن يەنە <ئافىنا ئىنىستىتۇتى>، <مۇنازىرە يىغىنى> قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.